رەسىم كۆرۈمەيدىغان بولسىمۇ پايدىلىنىشقا بولىدىكەن
بۇگۇن دوسلارغا تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز ناخشا ئاۋازىنى مۇزىكىدىن پەسەيتىش نى كورسىتىمىز . بۇنى مۇزىكىدىن ناخشىنى ئايرىۋېتىش دىسەك سەل مۇبالىغە كەتكەن بولىدۇ . چۈنكى ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس .لىكىن ناخشا ئاۋازىنى پەسەيتىش مۈمكىن .
ئەمىسە دىققەت ئالدى بىلەن adobe audiotion نى قوزغۇتۇپ ئاۋاز ھۆججىتىنى ئەكىرىمىز 1-رەسىمدىكىدەك ئاندىن ئاۋاز ھۆججىتىنى تەھرىرلەش يولىغا ئەكىرىپ ناخشا ئاۋازى بار ئورۇننى دائىرىگە ئېلىۋېلىپ ئۇستىدىكى قۇرال تىزىملىكىدىن favorites تىزىملىكىدىن vocal remove نى تاللايمىز. 2- رەسىم.
ئاندىن بۇ ئورۇندىكى ئادەم ئاۋازى كۈرۈنەرلىك پەسىيىدۇ . شۇنىڭ بىلەن خوش بوپ كەتمەيمىز يەنە بىر ئىش بار مۇزىكىدىكى باشقا ئورۇن بىلەن ناخشا ئاۋازى سۈزۈلگەن ئورۇننىڭ ئاۋاز يۇقۇرى توۋەن پەرقى چىقىدۇ (ئادەتتە مۇزىكا سۈپىتى قانچە ناچار بولسا شۇنچە پەرق بولىدۇ) بىز بۇنى 3- رەسىمدىكىدەك ئاۋازنى بۇراش كۇنۇپ كىسىدىن بۇراپ چوڭايتىم باشقا ئورۇندىكى ئاۋاز چوڭلۇقى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئاندىن file تىزىم لىكىدىكى export تۈرىنى تاللاپ ھوججەتنى سالىساق بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئايرىماقچى بولغان ئاۋازىڭىز چۇقۇم سۈپەتلىك بولسۇن . توردىن چۈشكەن پىرىسلاپ مىجىقى چىقىپ كەتكەن mp3ھوججىتىنى سۈزىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ . ھەم ناچار سۈزۈپ ھۈنەرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەڭ . سۈزىدىغدن ھوججەت چۇقۇم ئەسلى ھالەتتىكى cd vcd دىسكىلىرىدىكى ئاۋاز بولسۇن
تەھىرىر : ئۇچقۇن



