يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتال
كومپيۇتېر بازىرى سۆز قالدۇرۇڭ
HTML CSS ASP
PHP ئەسلى كود ماتېريال
Word Excel
PowerPoint باشقىلار
Windows تېخنىكا
سۈرەت باشقىلار
     
ئورنىڭىز: باش بەت >> Office >> Excel >>EXCEL دا دائىم ئىشلىتىلدىغان 15 ھۈنەر

EXCEL دا دائىم ئىشلىتىلدىغان 15 ھۈنەر

يوللانغان ۋاقتى : 2010-9-3 0:35:16   ئاۋاتلىقى : 356   ئەسلى مەنبەسى : ئىنتېرنىت     


EXCEL دا دائىم ئىشلىتىلدىغان 15 ھۈنەر
1. مەجبۇرى قۇر ئالماشتۇرۇش
كاتەكچە ئىچىدە مەجبۇرى قۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Alt+Enter بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى تەڭلا باسىمىز.
2. سانلار 15 خانىدىن ئىشىپ كەتكەندە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
بۇنىڭ ئۇسۇلى ئىككى خىل بىرى كاتەكچە خاسلىقىنى تىكىست خاسلىقىغا توغۇرلايمىز. ئىككىنچىسى سانلار ئالدىغا ’ بەلگىسىنى قويۇپ يازىمىز.
3. ئەگەر B رەت يوشۇرۇن بولۇپ قالغان بولسا ، ئۇنى نورمال كۆرسىتىش
بىرىنچىسى ئالدى بىلەن Aۋە Cرەتلەرنى تاللاپ،AۋەC رەتنىڭ ئوتتۇرىغا مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئەكىلىپ، مائۇس بەلگىسى (ئەسلى بەلگىسىنى چىقىرالمدىم، ئارلىقى
بۇنىڭدىن يىقىن ) ╞╡غا ئوخشاش بەلگە پەيدا بولغاندا دەرھال ئوڭغا ياكى سولغا سۆرەپ، يوشۇرۇنغان رەتنى كۆرسەتسەك بولىدۇ، ياكى بولمىسا دەرھال مائۇس سول
كۇنۇپكىسىنى ئىككى چەكسەك يوشۇرۇنغان رەت دەرھال كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچى ئۇسۇل تىزىملىكتىن «فورمات-رەت- يوشۇرۇشنى بىكار قىلىش» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەكلا
يوشۇرۇنغان رەت كۆرۈنىدۇ. يوشۇرۇنغان قۇرلارنى كۆرسىتىشمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئورنى ۋە بۇيرۇق نامى ئوخشاش ئەمەس.
4. قۇر ۋە رەتلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش
ئالدى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغان قۇر ۋە رەتلەرنى تاللاپ كۆچۈرىۋىلىپ، ئاندىن تىزىملىكىتىن « تەھرىرلەش- تاللاش خارەكتىرىدە چاپلاش»(编辑-选择性粘贴)
بۇيرۇقىنى باسىمىز. بۇنىڭدىن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەك ئىچىدىن تۆۋەنگە قارىساق «ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش» (转置) دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىم
كۇنۇپكسىنى باسساقلا بولىدۇ.
5. رەت نومۇرى قويۇش
ئادەتتە رەت نومۇرىنى A رەتكە قويۇلىدۇ. بىز پەقەت رەت نومۇرى قويماقچى بولغان ئالدىنقى ئىككى كاتەكچىگە 1،2 دىگەن رەت نومۇرىنى تولدۇرۇپ، ئاندىن ئاشۇ
ئىككى كاتەكچىنى تاللاپ، تۆۋەنگە سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆۋەندىكى كاتەكچىلەرگە سۆرەپ ئاپارساق، رەت نومۇرى ئاپتۇماتىك قويۇلۇپ ماڭىدۇ. ئەگەر 1،2، نىڭ
ئورنىغا 2،4 دەپ نومۇر قويۇپ، ئاندىن سۆرەپ تۆۋەنگە تولدۇرسىڭىز، سىزنىڭ قويغان رەت نومۇرىڭىز 2،4،6،8 دىگەندەك بولۇپ ماڭىدۇ.ھەتتا خەنزۇچە甲،
丙、丁 دىگەنلەرنىمۇ سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
مەخپى نومۇر قويۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بىرى ھۆججەت تەھرىرلەۋاتقان چاغدا تىزىملىكىتىن « قورال- تەڭشەك »(工具-选项) دىگەن بۇيرۇقنى باسساق تەڭشەك
كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن « بىخەتەرلىك»(安全性) تاللانمىسىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ مەخپى شىفىرنى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۇرسەك بولىدۇ. ئىككىنچىسى
ھۆججەتنى ساقلىغان چاغدا ساقلاش كۆزنىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى« قورال »(工具) تىزىملىكى ئاستىدىن « دائىملىق تەڭشەك» (常规选项)دىگەن تۈرنى تاللىساق
«ساقلاش تەڭشىكى»(保存选项) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ . بۇ كۆزنەك ئىچىگە مۇناسىپ مەخپى شىفىرنى تولدۇرۇپ، جەزىملەشتۇرسەكلا مەخپى نومۇر قويۇش مەقسىتىگە
يىتەلەيمىز.
7. بىر خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدە بىر قانچە كاتەكچىگە ئوخشاش ساننى تىز كىرگۈزۈش
بۇنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچى: ئەگەر سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كاتەكچىدىكى سان بىلەن ئوخشاش بولسا Ctrl+" بىرلەشمە
كۇنۇپكسىنى باسساقلا، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كاتەكچىدىكى قىممەت دەرھال ئۇنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە تولدۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى:ئەگەر بىر قانچە ئارقىمۇ –ئارقا
كەلمىگەن بىر قانچە كاتەكچە ئوخشاش بىر ساننى كىرگۈزمەكچى بولساق،ئالدى بىلەن Ctrl بىسىپ تۇرۇپ، سان كىرگۈزۈشكە تىگىشلىك بولغان بارلىق كاتەكچىلەرنى
تاللايمىز. ئاندىن ساننى كىرگۈزۈپ بولۇپ، Ctrl+Enter بىرلەشمە كۇنۇپكسىنى باسساقلا ، بارلىق تاللانغان كاتەكچىلەرگە ئوخشاش بىر سان يىزىلغان بولىدۇ. ئۈچىنچىسى
ئەگەر بىز ئوخشاش بىر ساننى بىر رەت ياكى بىر قۇر ئىچىدىكى ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن كاتەكلەرگە يازماقچى بولساق ،يازماقچى بولغان ساننى بىرىنچى كاتەككە يىزىۋىلىپ،
ئاندىن ئۇنى سۆرەش ئۇسۇلى بىلەن سۆرەپ باشقا كاتەكلەرگە تولدۇرساق بولىدۇ.

   تەھىرىر : نامەلۇم
  • raziman(www.raziman.com) © 2010 بەت ھوقۇقى All Rights Reserved.
  •   Email:raziman@126.Com      QQ:250092392      ئالاقە نۇمۇر : 15001484888 新ICP备10200912号