يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتال
كومپيۇتېر بازىرى سۆز قالدۇرۇڭ
HTML CSS ASP
PHP ئەسلى كود ماتېريال
Word Excel
PowerPoint باشقىلار
Windows تېخنىكا
سۈرەت باشقىلار
     
ئورنىڭىز: باش بەت >> كومپۇتېر >> قاتتىق دېتال خەۋەرلىرى >>CMOS تا ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىش

CMOS تا ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىش

يوللانغان ۋاقتى : 2010-9-3 0:38:27   ئاۋاتلىقى : 147   ئەسلى مەنبەسى : ئىنتېرنىت     


سىز ئىشخانىڭىزغا كىرىپ بولغىچە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېچىلىپ بولۇشىنى ئويلامسىز ، مىنىڭچە بۇنى ئويلايدىغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەس ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە تەسمۇ ئەمەس ، توردا ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىدىغان ، ئۆچۈرىدىغان كىچىك - كىچىك پروگراممىلار نۇرغۇن ، تېخى ئەسلى كودىمۇ ئېچىۋىتىلگەن ، لېكىن سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسىي تاختىسىنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بارمۇ ؟ ئەگەر بار بولسا بۇنى ئاساسىي تاختىڭىزنىڭ  Bios ئىقتىدارى ئارقىلىق ھىچقانداق دىتالنىڭ ياردىمىسىزمۇ ھەل قىلالايسىز.
مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە :
 
كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ Del كونۇپكىسىنى بىسىپ CMOS قا كىرىڭ .
Power Management Setup  تۈرىگە كىرىپ قىسمىي تىزىملىكتىكى Resume by Alarm نىڭ قىممىتىنى Enabled قىلىپ تەڭشەڭ ھەمدە Date(of Month)Alarm غا كومپيۇتىرىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىش ۋاقتىنى توغرىلاڭ : بۇنىڭدا 0 ھەر كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ،  1 ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ،  2 ھەر ئاينىڭ 2 - كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ، 3  . . . . . . . . توغرىلاپ بولغاندىن كىيىن ساقلاپ چىكىنىمىز .ئەمدى بىز توغرىلاپ قويغان ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي تاختىڭىز Resume by Alarm ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىڭىز كىرەك ھەمدە  CMOS قا  مەخپىي نومۇر ئورنىتىپ قويمىغان بولىشڭىز كىرەك

   تەھىرىر : نامەلۇم
  • raziman(www.raziman.com) © 2010 بەت ھوقۇقى All Rights Reserved.
  •   Email:raziman@126.Com      QQ:250092392      ئالاقە نۇمۇر : 15001484888 新ICP备10200912号