كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) نىڭ كاشىلىسى
1. ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەسلىك.
بۇ显卡 سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسلە بولسا، ئۇنداقتا ، 显卡 بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ تېگىشىشى ياخشى بولمىغان. ياكى ئاساسىي تاختا چاتقۇچىدا مەسلە بار.
2. ئېكران يۈزىدىكى رەڭلەر نورمال بولماسلىق.
بۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 1> 显卡 بىلەن ئېكراننىڭ سىگنال ئۆتكۈزىشى ياخشى ئەمەس. 2> ئېكران مەسلىسى . 3> رەڭ تاللاش رايونىدىكى رەڭ توغرا تللانمىغان. 4> 显卡 كاردىن چىققان . 5> ئېكران ماگنىتلىشىپ قالغان.
3. قېتىپ قېلىش
بۇ ئەھۋال ئادەتتە كۆپرەك ئاساسىي تاختا بىلەن 显卡 نىڭ قوللىماسلىقى ياكى 显卡 بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ياخشى تېگىشمەشلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنە 显卡 ۋە باشقا قاتتىق دېتاللار سىغىشالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
4. كوپيۇتېر قوزغالغاندا ئېكراندا قالايمىقان ھەرپلەر كۆرۈلۈش.
بۇئەھۋال ئادەتتە显卡 بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى قوللىيالماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەھىرىر : نامەلۇم



