CPU نىڭ ئۈچ خىل چاستوتىسى
CPU نىڭ ئۈچ خىل چاستوتىسى : CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى ، سىرتقى چاستوتىسى، ھەسسىلەنمە چاستوتىسى دەپ ئۈچ خىل چاستوتا بولىدۇ.
CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى بولسا CPU نىڭ خىزمەت ۋاقتىدىكى سائەت چاستوتىسى بولۇپ، بىرلىكى MHz ،(ئاساسى ھىساپلاش ئۇسۇلى 1MHz=1000Hz,1GHz=1000MHz ) ھازىرقى CPU لار ئاللىبۇرۇن MHz دىن ئىشىپ، GHz نى بىرلىك قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە بىز ئاڭلايدىغان، Pentium 4 E3.0GHz دىگەندە بولسا ئاساسى چاستوتىسى 3.0GHz بولغان بولىدۇ. ئادەتتە ئاساسى چاستوتا قانچە يۇقۇرى بولسا، CPU نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلايدىغان كوماندىلىرى شۇنچە كۆپ بولۇپ، CPU نىڭ سۈرئىتى تىز بولىدۇ . ( بىراق ھازىر بۇ قاراش ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. يەنى بۇرۇنقى 3.0GHz لىق CPU نىڭ ئىقتىدارى ،ھازىرقى قوش نىگىزلىك 2.0GHz لىق CPU دىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.)
سىرىتقى چاستوتىسى بولسا، CPU نىڭ سىرىتقى خىزمەت چاستوتىسى ، يەنى سىستىما غول لىنىيەسىنىڭ چاستوتىسى بولۇپ،ھازىرقى لارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سىرىتقى چاستوتىسى 200MHz بولىۋاتىدۇ.
ھەسسىلەنمە چاستوتىسى بولسا ئاساسى چاستوتا بىلەن سىرىتقى چاستوتا ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ھەسسىلىك سانى. يەنى
CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى= سىرىتقى چاستوتا * ھەسسىلەنمە چاستوتا
نۇرغۇن دوسلارCPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسى بىلەن ئاساسى تاختىنىڭ ئالدىنقى غول لىنىيە (FSB) چاستوتىسىنى ئارلاشتۇرىۋىلىپ، CPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسى= ئالىدىنقى غول لىنىيە (FSB) چاستوتىسى . دەپ قارايدۇ.
بۇنداق قاراش خاتا بولۇپ، FSB بولسا ئاساسى تاختىنىڭ شىمالى ئۆزىكىنىڭ تىزلىكىنى كۆرسىتىپ، CPU بىلەن سىرىتقى ئۇچۇرلارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئاساسى تاختىلارنىڭ FSB سى 800 ياكى 1000 بولىۋاتىدۇ. يەنى CPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسىنىڭ 4-5 ھەسسىگە تەڭ بولىۋاتىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقۇرى بولسا ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىدىغان بۇيرۇقلىرى شۇنچە كۆپ بولۇپ، بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىز بولىدۇ. بۇرۇنقى ئىچكى ساقلىغۇچلار SDRAM دەپ ئاتالغان بولۇپ، PC100、PC133、PC150 دىگەندەك تۈرلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ كەينىدكى 100،133،150 دىگەن سانلار بولسا شۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسىنىڭ 100MHz、133MHz 和150MHz ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھازىرقى ئىچكى ساقلىغۇچلار ئاساسەن DDR ئىچكى ساقلىغۇچ بولۇپ، سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتى SDRAM نىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ كىلىدۇ. DDR دىگەن سۆزمۇ «ئىككى ھەسسلىك تىزلىك» دىگەن مەنانى بىرىدۇ.
DDR ئىچكى ساقلغۇچنىڭ بۇرۇنقىلىرىدىن DDR266(PC2100)/333(PC2700)/400(PC3200) قاتارلىقلار بار. ھازىرقىلىرىدىن DDR533,DDR667,DDR800 قاتارلىقلار بار.