يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتال
كومپيۇتېر بازىرى سۆز قالدۇرۇڭ
HTML CSS ASP
PHP ئەسلى كود ماتېريال
Word Excel
PowerPoint باشقىلار
Windows تېخنىكا
سۈرەت باشقىلار
     
ئورنىڭىز: باش بەت >> كومپۇتېر >> قاتتىق دېتال خەۋەرلىرى >>NTFSھۆججەت سىستىمىسى توغرىسىدا

NTFSھۆججەت سىستىمىسى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقتى : 2010-9-3 0:38:27   ئاۋاتلىقى : 52   ئەسلى مەنبەسى : ئىنتېرنىت     


NTFSھۆججەت سىستىمىسى توغرىسىدا

NTFS دىگەن نىمە؟
بىز NTFS نى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن FAT توغرىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى.
FAT دىگىنىمىز بولس ئىنگىلىزچە (File Allocation Table) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەنىسى ھۆججەت تەقسىملەش جەدىۋىلى دىگەنلىك بولىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قاتتىق دىسكا رايۇنىنى باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. FAT16、FAT32、NTFS قاتارلىقلار بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىسىدۇر.
FAT16 بولسا بۇرۇنقى DOS、Windows 95 قاتارلىق مەشغۇلات سىستىمىلىرىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىرقى Windows 98/2000/XP قاتارلىقلار سىستىمىلار FAT16 ھۆججەت سىستىمىسىنى قوللايدۇ. بۇ خىل ھۆججەت سىستىمىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2GB چوڭلۇقتىكى قاتتىق دىسكا رايۇنىنى باشقۇرالايدۇ.
FAT32 بولسا قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ ئىشىشى بىلەن Windows 98 دىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، FAT16 نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسىخىسىدىن ئىبارەتتۇر. 2TB(2048GB) قاتتىق دىسكا رايۇنىنى باشقۇرالايدۇ. ئەمما يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمىGB4 دىن ئىشىپ كىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
NTFS بولسا مىكروسوفت Windows NT يادرۇسى ئاساس قىلىنغان مەشغۇلات سىستىمىلىرىدا ئىشلەيدىغان، بىر تور ۋە دىسكا نورمىسى،ھۆججەت مەخپىلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئالاھىلىكىگە ئىگە بولغان دىسكا باشقۇرۇش سىستىمىسى. NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىسىتىمىسىدا يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمىGB4 چوڭ بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. Windows NT يادرۇسى ئىشلىتىلگەن سىستىمىلاردىن Windows 2000/XP نىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،نۇرغۇن كىشلەر NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىسىنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەندى.
2. FAT16、FAT32、NTFS سىستىمىسىنى قوللايدىغان مەشغۇلات سىستىمىلىرى
FAT16 نى قوللايدىغان سىستىمىلار : windows 95/98/me/nt/2000/xp unix,linux,dos、
FAT32 نى قوللايدىغان سىستىمىلار : windows 95/98/me/2000/xp/vista
NTFS نى قوللايدىغان سىستىمىلار : windows nt/2000/xp/vista
3. FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى
Windows 2000/XP دا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش قورالى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىسمى : Convert.exe دۇر. بۇ بىر DOS بۇيرۇقى بولۇپ،بۇ ئارقىلىق FAT رايۇنىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىغان ئەھۋال ئاستىدا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئالدى Windows 2000/XP نىڭ DOS بۇيرۇقى كۆزنىكىگە كىرىپ، كۆرسەتمە بەلگە كەينىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يازساق بولىدۇ.

D:\>convert D: /FS:NTFS

بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق FAT16/32 سىستىمىسىنىڭ خالىغان بىرى بولغان D: دىسكا رايۇنىنى NTFS ھۆججەت سىستىمىدىكى رايۇنغا ئايلاندۇرىدۇ.( D: دىسكا رايۇنى ئورنىغا ئۆزىمىز قايسى رايۇننى ئايلاندۇرماقچى بولساق شۇ رايۇن نامىنى يازساق بولىدۇ) كومپىيۇتېرنى قايتا بىر قېتىم قوزغاتقاندىن كىيىن ئايلاندۇرۇش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇندىن باشقا مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى رايۇنلارغا ئايرىش قوراللىرى(مەسىلەن : Partition Magic) ئارقىلىقمۇ دىسكا ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.

   تەھىرىر : نامەلۇم
  • raziman(www.raziman.com) © 2010 بەت ھوقۇقى All Rights Reserved.
  •   Email:raziman@126.Com      QQ:250092392      ئالاقە نۇمۇر : 15001484888 新ICP备10200912号