يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتال
كومپيۇتېر بازىرى سۆز قالدۇرۇڭ
HTML CSS ASP
PHP ئەسلى كود ماتېريال
Word Excel
PowerPoint باشقىلار
Windows تېخنىكا
سۈرەت باشقىلار
     
ئورنىڭىز: باش بەت >> كومپۇتېر >> قاتتىق دېتال خەۋەرلىرى >>BIOS بىلەن CMOS نىڭ پەرىقى

BIOS بىلەن CMOS نىڭ پەرىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2010-9-3 0:38:27   ئاۋاتلىقى : 54   ئەسلى مەنبەسى : ئىنتېرنىت     


بىز كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشغۇلاتى جەريانىدا BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز ۋە ئۇچىرتىمىز . 
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا BIOS ۋە CMOS قد قارتا ئېنىق چۈشەنچە يوق ، داۋاملىق ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋېرىدۇ . 
بۇ ماقالىمىزدە BIOS  بىلەن CMOS  نىڭ ئاساسلىق پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز .
BIOS دېگەن نىمە ؟ 
BIOS  بولسا كومپيۇتېردىكى ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى
(Basic Input-Output System) . ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاساسى تاختىدىكى بىر ROM ئۆزىكىگە يېزىۋېتىلگەن بولۇپ ، كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغان بولىدۇ .
 
BIOS نىڭ ئىقتىدارى : 
1. BIOS  ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى پروگراممسى (中断服务程序)
BIOS  ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال ئارىسىدا باغلاش ئېلىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . مەسلەن ،DOS ۋە windows مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى يۇمشاق دېسكا ، قاتتىق دېسكا ، سىنتەخسە قوزغاتقۇچ ، كونۇپكا تاختىسى ، ئېكران قاتارلىق سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنىڭ باشقۇرۇلىشى . ھەممىسى BIOS  نىڭ ئۈزۈلۈش پروگراممىسىنىڭ رولىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . 
2. BIOS   سېستىما تەڭشەش پروگراممىسى
 كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان بىر تال CMOS RAM ئۆزىكىگەجايلاشقان بولۇپ ، سېستىمىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدۇ  ، CPU ئالاھىدىلىكى ، يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ، ئېكران ، كونۇپكا تاختىسى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ئۇچۇرلىرى مۇشۇ يەردە . BIOS ROM ئۆزىكىگە سېستىما بەلگىلەش پروگراممىسى قاچىلانغان بولۇپ  CMOS RAM دىكى ھەر خىل پارامىتىرلارنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ پروگرامما كومپيۇتېرنى قوزغاتقان ۋاقىتتا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە كونۇپكىنىڭ بېسىىلىشى بىلەن تەڭشەش ھالىتىگە كىرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنى ئەڭ ياخشى بولغان مەشخۇلات كۆرۈنۈش يۈزى بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل CMOS  پارامىتىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئادەتلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن BIOS  بەلگىلەش دەپ ئاتىلىدۇ .  
ناۋادا CMOS RAM ئۆزىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەش ئۇچۇرلىرى توغرا بولماي قالسا ناھايتى ئاسانلا سېستىما پۈتۈن گەۋدىسى بويىچە ئىقتىدار تۆۋەنلەش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ . 
يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ قاتارلىق ئۈسكىنىلەر ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن ، ئېغىز بولغاندا بىر قىسىم يۇمشاق ، قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىرىدۇ .  
3 . POST ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
كومپيۇتېر توكقا ئۇلانغاندىن كىيىن ، سېستىما ئاۋال POST (Power On Self Test توكقا ئۇلانغاندا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ) پروگراممىسى ھەر قايسى ئچكى قىسىم تەڭشەكلىرىگە قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ . 
ئادەتتە مۇكەممەل بولغان POST  پروگراممىسى 64K ،CPU  ئاساسى ئىچكى ساقلىغۇچ ، 1M دىن يۇقىرى كىڭەيتىلگەن ئىچكى ساقلىغۇچ ، ROM ، ئاساسى تاختا ، CMOS ساقىلغۇچى ، كۆرسىتىش كارتىسى ، كونۇپكا تاختىسى ۋە يۇمشاق قاتتىق دېسكا پروگراممىلىرىغا  قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ناۋادا ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە بايقالسا سېستىما ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بېرىدۇ ياكى ئاۋاز چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ . 
4 . BIOS ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
سېستىما POST ئۆزىنى تەكسۈرۈشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ، ROM BIOS ئاۋال سېستىمىنىڭ CMOS بەلگىلىمىلىمىلىرىدىكى قوزغىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ۋە CD-ROM نى ئىزدەيدۇ ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىناۋاتلىك قوزغىلىش قوزغاتقۇچلىرى ، مەشخۇلات سېستىمىسى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئاندىن سېستىما كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ، يىتەكلىگۈچى خاتىرىسى ئارقىلىق سېستىمىنىڭ تەرتىپ بويىچە نورمال قوزغىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . 

   تەھىرىر : نامەلۇم
  • ئالدىنقى تېما : يوق
  • كىيىنكى تېما : AMI BIOS ئۆزىنى تەكشۈرگەندىكى ئاۋازلارنىڭ مەنىسى
  • raziman(www.raziman.com) © 2010 بەت ھوقۇقى All Rights Reserved.
  •   Email:raziman@126.Com      QQ:250092392      ئالاقە نۇمۇر : 15001484888 新ICP备10200912号